مۇھىم خەۋەرلەر

2023- يىلى شىنجاڭنىڭ ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە بولۇپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئىنتايىن ئاسان ئەمەس

2024.02.01 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  1- ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ 2- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىنىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تونۇشتۇرۇلدى: 2023- يىلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، ئىمپورت - ئېكسپورت، مالىيە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى قاتارلىق ئالتە كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە بولۇپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئىنتايىن ئاسان ئەمەس.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ