مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ، يۈننەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار دىققەت! بۇ بىرقانچە ئالىي مەكتەپ ئاپەتتىن كېيىنكى قىيىنچىلىقى بارلارغا مەخسۇس ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2024.01.24 10:34 مەنبە: خەلق تورى

  1- ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەت 2 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.26 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.63 گىرادۇس) 7.1 بال يەر تەۋرىدى. 22 - يانۋار سائەت 5تىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى جېنشيۇڭ ناھىيەسى تاڭفاڭ بازىرى لياڭشۈي كەنتىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى. ئاپەت سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سىچۈەن داشۆسى يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، رەتكە تۇرغۇزۇش ۋە جىددىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. مەكتەپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى سېلىشتۇرۇش ۋە شۆيۈەننى رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ساۋاقداشلارنىڭ خاتىرجەم ئۆگىنىش قىلىشى، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپەت سەۋەبىدىن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ ئىنكاس قايتۇرسا ھەمدە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىشچىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سۇپىسىدىكى «ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى» كۆزنىكى ئارقىلىق ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاپەت رايونىدا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى قانات يايدۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. نۆۋەتتە، مەكتەپنىڭ مەخسۇس ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش جىددىي يېشىل يولى سىجىل ئېچىۋېتىلدى، ئېھتىياجلىق ساۋاقداشلار شۆيۈەننىڭ يېتەكچىلىرى ياكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

  خاربىن سانائەت داشۆسى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا مەخسۇس ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى، ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە رەتكە تۇرغۇزدى، يېتەكچىلەر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر - بىرلەپ ئالاقىلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، مەكتەپ رەتكە تۇرغۇزۇلغان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا مەخسۇس ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، ساۋاقداشلارنىڭ خاتىرجەم ئۆگىنىش قىلىشى ۋە تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر باشقا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار بولسا، ۋاقتىدا يېتەكچى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشسىمۇ بولىدۇ.

  ئاپەت رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىش يولىنى ئاچتى. ئوقۇغۇچىلار تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، يەر تەۋرەش، تۆۋەن تېمپېراتۇرالىق قار - يامغۇرلۇق ھاۋا رايى ياكى باشقا تاسادىپىي ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، شۆيۈەن بىلەن خالىغان ۋاقىتتا ئالاقىلاشسا ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە باشقۇرۇش مەركىزىگە بىۋاسىتە تېلېگرامما يوللاپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق ياردەم بېرىش پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ