مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

​يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىندى

2024.01.23 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتى نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق ئىمزالىدى، «نىزام» 2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام»دا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن قانۇن چىقىرىش قانۇنى بويىچە، ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتى تۈزۈم - مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «نىزام» جەمئىي 13 باب، 85 ماددا بولۇپ، ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھەربىي ئىشلار نىزامى، ھەربىي ئىشلار قائىدىلىرىنى تۈزۈش ھوقۇق چېكى بەلگىلەندى؛ ھەربىي ئىشلار نىزامى ۋە ھەربىي ئىشلار قائىدىلىرىنى تۈزۈشنىڭ يىرىك پىلانى ۋە پىلانى، تۈر تۇرغۇزۇش، تەييارلاش ۋە يوللاش، تەكشۈرۈش، قارار قىلىش ۋە ئېلان قىلىش، ئەنگە ئېلىش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش قاتارلىق كونكرېت تەرتىپلىرى ھەمدە ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش، رەتلەپ توپلام قىلىش، تەتبىقلاش ۋە چۈشەندۈرۈش، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تۈزۈملەر قېلىپلاشتۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ