شى جىنپىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋتۇڭ شەھىرى جېنشيۇڭ ناھىيەسىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بەردى

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ- قۇتقۇزۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2024.01.23 10:23 مەنبە: خەلق تورى

1- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 6لەردە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋتۇڭ شەھىرى جېنشيۇڭ ناھىيەسى تاڭفاڭ بازىرى لياڭشۇي كەنتىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 18 ئائىلىنىڭ ئۆيى كۆمۈلۈپ قالدى، 47 كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى تېزدىن تەشكىللەپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ- قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىشنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئازايتىش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئىزدەپ- قۇتقۇزۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمى يېقىنلاپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە تەبىئىي ئاپەت، قاتناش ھادىسىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى ئاسان ۋە كۆپ يۈز بېرىدۇ، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغالارنى مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىزدەپ ۋە قۇتقۇزۇپ، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىشنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئازايتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى گېئولوگىيەلىك ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى ئىنچىكە، بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك ئەھۋالنى كۆزىتىپ ئۆلچەش- ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئېگىز ھەم سوغۇق بولىدىغان تاغلىق رايون ۋە مىللەتلەر رايونى بولۇپ، تەھدىتكە ئۇچرىغان ئاممىنى تېزدىن يۆتكەپ، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.
شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ يۈننەنگە بېرىپ نەق مەيداندا ئىزدەش- قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويدى، يۈننەن ئۆلكىسى، جاۋتۇڭ شەھىرى كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى. ھازىر تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ