«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.01.24 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  ياسىمىچىلىق-دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى، دۆلەت قۇرۇش ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى-شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ قوللانمىسى. «ئوقۇشلۇق» جەمئىي 12 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، تەرەققىيات نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم ئەھمىيىتى، روھىي ماھىيىتى، مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپى شەرھلەنگەن.

  «ئوقۇشلۇق»نىڭ نەشر قىلىنىشى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىشىگە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ