شى جىنپىڭ بېيجىڭ قاتناش داشۆسىدىكى كېنىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپداشلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يازدى

2024.01.24 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ قاتناش داشۆسىدىكى كېنىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ھەم مەكتەپداشلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى جۇڭگو-كېنىيە ۋە جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا داۋاملىق تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-كېنىيە دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مومباسا-نايروبى تۆمۈريولى-جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى بايراقدار تۈرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى. مەن سىلەرنىڭ بۇ «بەخت يولى» ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن رىشتە باغلىغانلىقىڭلارنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم، سىلەر جۇڭگو-كېنىيە ۋە جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ گۇۋاھچىلىرى، مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى، تېخىمۇ مۇھىمى قۇرغۇچىلىرى ۋە تارقاتقۇچىلىرى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ سەلتەنەتلىك كارتىنىسى ۋە جۇڭگو-كېنىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى سىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇشىغا موھتاج. مەن سىلەرنىڭ كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يېقىندا، بېيجىڭ قاتناش داشۆسىدىكى كېنىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپداشلار ۋەكىللىرى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگوغا كېلىپ تۆمۈريول يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقى، كېنىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ياخشى كۆۋرۈكى بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ