لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2024.01.23 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەر تەتقىق قىلىندى، «تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە قۇۋۋەت قوشۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كاپىتال بازىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە خىزمەتلەرنى ئويلىشىش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيەسى قانۇنى (لايىھەسى)» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ (تۈزۈتىلمە لايىھەسى)» مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى. يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ، «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە تەدبىقلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ تېزرەك ئېشىشىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. يېزا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات شەكلىنىڭ يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ياشاشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ياخشى تىجارەت سودا مۇھىتى يارىتىپ، كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە قوللاش، قوزغىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى قاتارلىق تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئەمەلىي قوللىنىشنى تۈرتكە قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سانائەت ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى ۋە رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كاپىتال بازىرىنىڭ ئاساسىي تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتى ۋە مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغنىڭ بازارغا كىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. كاپىتال بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي يول قويماي، قېلىپلاشقان، ئاشكارا بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بازارنى، ئىشەنچنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت قورالىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيەسى قانۇنى (لايىھەسى)» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى (تۈزۈتىلمە لايىھەسى)»نى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ