لى چياڭ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2024.01.22 09:20 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2024- يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە شىۋېيتسارىيە، ئېرلاندىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  دۇبلىندىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئىرېلاندىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك، يېمەكلىك ۋە دېڭىز ئوكيان ئىشلىرى مىنىستىرى ماكناروگ بىلەن جۇڭگونىڭ ئىرېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خې شياڭدوڭ قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ