لى چياڭ مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار ۋە مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى

2024.01.24 08:54 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار ۋە مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش ئارگىنالى)» توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا ما خەيتاۋ، لى يەنخۇڭ، يەن جيەنۋېن، لى لۇمىڭ، ۋاڭ شياۋيۈن، ۋاڭ چۈنفا، ليۇ جىن، جاڭ يۈفېي قاتارلىقلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇلتۇر ئېلىمىز ئىقتىسادى بىر قەدەر تېز ئاشتى، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكى تېز شەكىللەندى، نۇرغۇن جەھەتلەردە پائال ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى. كۆپچىلىك يەنە نۆۋەتتىكى تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، ئېلىمىز تەرەققىياتتا تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، دولقۇنسىمان تەرەققىيات، ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش جەريانىدا يېڭىدىن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. گەرچە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلسەكمۇ، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، ئېلىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن پايدىلىق شارائىت پايدىسىز ئامىللاردىن كۆپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ۋە ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، بىز قىيىنچىلىقلار ۋە خىرىسلارغا توغرا قاراپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ۋە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.ۋۇ جېڭلوڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش ئارگېنالى)» غا جايلار ۋە تارماقلاردىن ماس قەدەمدە پىكىر ئېلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ