مۇھىم خەۋەرلەر

تۇيۇقسىز يەر تەۋرەشتە، ئالار دوختۇرى باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپىراتسىيەسىنى تەمكىنلىك بىلەن تاماملىدى

2024.01.24 10:32 مەنبە: خەلق تورى

  1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 2 لەردە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىر قەدەر تېيىز، يەر تەۋرەش دولقۇنى ۋە دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولدى. يەر تەۋرەش مەركىزىگە تەخمىنەن 240 كىلومېتىر كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۈچلۈك تەۋرەشنى سەزگىلى بولىدۇ.

  بۇ ئالاھىدە پەيتتە، جېجياڭ داشۆسى قارىمىقىدىكى شاۋ يىفۇ دوختۇرخانىسى ئالار دوختۇرخانىسى ئەڭ ھالقىلىق پەيتنى ئۆتكۈزدى. نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئەن شۇفاڭ بىر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ بېشىنى جىددىي ئېچىش ئوپېراتسىيەسى قىلىۋاتاتتى، نازارەت قىلىش كۆرۈنمە چاستوتىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوپىراتسىيەخانا ئىچىدە چىراقلار ئىرغاڭلاپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى، ئەمما ئەن شۇفاڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سوغۇققان ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن ھالەتنى ساقلىدى،ئۇ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كەسپىي ماھارىتى ۋە خەۋپ-خەتەر ئالدىدا قالايمىقان ئىش قىلمايدىغان پىسخىك ساپاسىغا تايىنىپ، سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ يۇقىرى خەتەرلىك ئوپېراتسىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، بىمارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرىمۇ مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ