مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسى: ئۇچتۇرپاندا قالدۇق يەر تەۋرەش يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ

2024.01.24 10:31 مەنبە: خەلق تورى

  بۈگۈن (23-يانۋار)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «1.23» ئۇچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 23-چېسلا سائەت 19 غىچە، شىنجاڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى ئىستانسا تورى مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ تۆت قېتىم كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاساسلىقى قالدۇق يەر تەۋرەش تىپى بولۇپ، قالدۇق يەر تەۋرەش يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ، ئاپەت رايونىدىكى كەڭ ئاممىغا زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيلەردىن يىراق تۇرۇشنى، بۇزۇلغان ئۆيلەرگە ۋاقتىنچە قايتماسلىقنى، خەتەردىن ساقلىنىشنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ