خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن قىشلىق تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تەتىل ۋاقتى 54 كۈن بولىدىكەن.
شىنجاڭدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
شىنجاڭ پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى: 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي دەرس باشلىنىدۇ.
شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى: 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.
شىنجاڭ پېداگوگىكا داشۆسى: 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.
شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى تىزىمغا ئالدۇرۇلىدۇ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋە 25-كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇلىدۇ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.
جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇلىدۇ، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.
قەشقەر داشۆسى: ئوقۇغۇچىلار 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 26-، 27-كۈنلىرى تىزىمغا ئالدۇرۇلىدۇ، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى