جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق يىلى» باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

2024.01.03 15:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، 2024 - يىلىنى «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ھەم يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى باشلىغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوست قوشنا دۆلەت. جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن قان ئاققۇزۇپ ئىنقىلابىي كۈرەش قىلىش داۋامىدا تاۋلىنىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مۇساپىسىدە سىجىل چوڭقۇرلاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش بىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنىمىز. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  جىن جېڭئېن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: 2024 - يىلى چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى 2024 - يىلىنى «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق يىلى» قىلىپ بېكىتتى، دەۋر تەلىپىگە ئاساسەن چاۋشيەن - جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى سوتسىيالىستىك كۈرەش داۋامىدا ئورنىتىلغان ھەم مۇستەھكەملەنگەن، راۋاجلانغان. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يېڭى بىر يىلدا، چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكى تولۇق نامايان بولىدۇ. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق يىلى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، بېرىش - كېلىشنى كۈچەيتىپ، دوستلۇق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق رىشتىسىنى چىڭىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئورتاق كۈرەش داۋامىدا ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ