مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2023.12.29 10:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  12 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، يېڭى مۇساپىدىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتى دۇچ كەلگەن خەلقئارا مۇھىت ۋە زىممىگە ئالغان تارىخىي بۇرچنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ يېڭى مۇساپىدىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى. بىرىنچى، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى بەرپا قىلىنىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى مەنزىلى ئېچىلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. ئىككىنچى، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيەسىنىڭ روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە ئۇسلۇبى، جۇڭگوچە سالاپىتى نامايان قىلىنىپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، دۇنيانى قەلبىگە پۈكىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان چوڭ دۆلەت ئوبرازى تىكلەندى. ئۈچىنچى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىك بولغان، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان توغرا يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. تۆتىنچى، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم ۋە ئىجادىي رولى كۈنسېرى جارى قىلدۇرۇلدى. بەشىنچى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئومۇميۈزلۈك پىلانلىنىپ، تىنچ بىللە تۇرىدىغان، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىدىغان چوڭ دۆلەت مۇناسىۋەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى. ئالتىنچى، ھەرتەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش كېڭەيتىلىپ، دائىرىسى كەڭ، سۈپىتى يۇقىرى بولغان يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورى شەكىللەندۈرۈلدى. يەتتىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، دۇنيادىكى دائىرىسى ئەڭ كەڭ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىندى. سەككىزىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، قەتئىي ئىرادە ۋە قەيسەرانە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. توققۇزىنچى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا سىستېما ۋە تەرتىپنى ئىسلاھ قىلىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى. ئونىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ماسلىشىش ئەندىزىسى مۇستەھكەملەندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، بىز تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە ئاز بولمىغان كۈچلۈك بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتۇق، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش خاراكتېرى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. دۆلىتىمىز خەلقئارا تەسىر كۈچكە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش كۈچىگە، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت چاقىرىق كۈچىگە تېخىمۇ ئىگە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى دىپلوماتىيە خىزمىتى ئەمەلىيىتىدە، بىز بىر قاتار قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. جەزمەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەردە، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا، خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيلىق يۇقىرى پەللىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۇنيادىكى كۆپ ساندىكىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىمىز ۋە ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. جەزمەن چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، تىنچ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جەزمەن سىستېمىلىق قاراش تۇرغۇزۇپ، توغرا تارىخ قارىشى، ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشى ئارقىلىق ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلىشىمىز، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشىمىز، تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىمىز كېرەك. جەزمەن توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە تۈپ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جەزمەن كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بارلىق زوراۋانلىق سىياسىيسى ۋە مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى كۈچلۈك قوغدىشىمىز كېرەك. جەزمەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۇنيادا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە كېڭەيمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش چوڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا تارىخىنىڭ ئەگرى - توقاي ئالغا ئىلگىرىلەش چوڭ لوگىكىسى ئۆزگەرمەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەقدىرداش بولۇش چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، بۇنىڭغا قارىتا بىزدە تولۇق تارىخىي ئىشەنچ بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتكە توغرا كەلدى. يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىرىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىز بىلەن دۇنيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىش، تېخىمۇ پۇختا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىدىكى يادرولۇق ئىدىيە بولۇپ، بىزنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانداق دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش توغرىسىدا جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى، تەرتىپ قارىشى، قىممەت قارىشىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئومۇمىي ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىنتىلىدىغان يۈكسەك نىشان. يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جۇڭگو تەشەببۇسىدىن خەلقئارا ئورتاق تونۇش بولۇپ كېڭىيىپ، گۈزەل ئارزۇدىن مول ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ، ئىدىيە تەشەببۇسىدىن ئىلمىي سىستېمىغا تەرەققىي قىلىپ، دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان شانلىق بايراققا ئايلاندى. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولغان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بەرپا قىلىشنى تىرىشىش نىشانى قىلغان، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى قىلغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئومۇمىي قوللانما قىلغان، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي تىرەك قىلغان، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلغان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيەت سۇپىسى قىلغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان، دۇنيانىڭ تىنچلىققا، خەۋپسىزلىككە، گۈللىنىشكە، تەرەققىياتقا قاراپ ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان پارلاق ئىستىقبال.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مۇھىم مەسىلە، زور خىرىسلارغا قارىتا، بىز دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ۋە ئىجابىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا بىرلىكتە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىدا ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەلىپىگە ماسلىشىپ، بايلىقنىڭ يەرشارىۋى تەقسىملىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۆلەتلەر ئارا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەرەققىيات تەڭپۇڭسىز بولۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. يەرشارىۋىلاشتۇرۇشقا قارشى يول تۇتۇشقا ۋە پان خەۋپسىزلەشتۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئادىل - ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش فاڭجېن، پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى كۈچەيتىپ، دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىستېما تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ، دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق، ئۇنىۋېرسال ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىجادكارلىق روھى ئارقىلىق جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىپلوماتىيەدە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش − يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. ئىدىيەنى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىپلوماتىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى خىزمەتنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جەزمەن دىپلوماتىيە چوڭ ھوقۇقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قولىدا بولۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ۋاڭ يى خۇلاسە سۆزى قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، سودا مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنموۋبۇسى، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەر، باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى بار باش كونسۇللار، خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ