مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆز ئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2024.01.02 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  1-ئاينىڭ-1 كۈنى، دۆلەت رەئىسىشى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەت تارىخى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى چوڭ ئىش. 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ۋە داۋاملىق تولۇق ئىسپاتلايدۇكى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ توغرا بىللە تۇرۇش يولى، ئۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تىرىشىش نىشانى بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن سان فىرانسىسكودا كۆرۈشۈپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى ئېچىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردىم. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق يول باشلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

  بايدېن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1979- يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىسى ئامېرىكا، جۇڭگو ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە پۇرسىتىنى ئىلگىرى سۈردى. مەن بۇ مۇھىم مۇناسىۋەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمەن. مەن ئالدىنقىلار ۋە بىزنىڭ كۆپ قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز ۋە مۇزاكىرىمىزدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ