لى چياڭ لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى 4-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى

2023.12.27 10:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  12-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ جۇڭنەنخەي زىگۇاڭگېدا لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى 4-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا سىن شەكلىدە قاتناشتى. لى چياڭ بىلەن بىرما رەھبىرى مىن ئاڭلەي يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭمانەي، لائوس زۇڭلىسى سۇڭسەي، تايلاند زۇڭلىسى سەيتا، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭنەنخەي زىگۇاڭگېدا لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى 4-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا سىن شەكلىدە قاتناشتى. لى چياڭ بىلەن بىرما رەھبىرى مىن ئاڭلەي يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى، كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭمانەي، لائوس زۇڭلىسى سۇڭسەي، تايلاند زۇڭلىسى سەيتا، ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې دەرياسى بويىدىكى ئالتە دۆلەت بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان ۋە ئىلگىرى سۈرگەن مۇھىم ئىش، يولغا قويۇلغان يەتتە يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە، ئالتە دۆلەت باشتىن-ئاخىر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سەمىمىي ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ماتورىنى بەرپا قىلىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنىڭ كۈچلۈك قالقىنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، يېقىن ئۆتۈشنىڭ ھېسسىيات رىشتىسىنى چىڭىتتى، بولۇپمۇ جۇڭگو-كامبودژا، جۇڭگو-لائوس، جۇڭگو-بېرما، جۇڭگو-تايلاند، جۇڭگو-ۋېيتنام ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بىز بۇ ئورتاق ئىشنى ئۇزاققىچە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ئۈلگە رايونى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدا ئالدىدا ماڭىدىغان رايون، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى تەجرىبە رايونى ۋە دۇنياۋى مەدەنىيەت تەشەببۇسىدىكى ئەڭ ياخشى رايوننى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىر-بىرىمىزنى قوللاپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  لى چياڭ لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆت تەكلىپ بەردى: بىرىنچى، يۇغۇرما تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې دەرياسى بويىدىكى رايونلار ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تۈرىنى ئورتاق پىلانلاپ يولغا قويۇپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد-سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتسەك. جۇڭگو لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس قەرزى تەسىس قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنى قوللايدۇ. ئىككىنچى، يېشىل ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشتىكى ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلسەك. لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې ۋادىسىنى تۈزەش قاتارلىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئۈچىنچى، خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەر بولۇپ، «تىنچ لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا كۈچلۈك زەربە بەرسەك. تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرساق، جۇڭگو لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې بويىدىكى دۆلەتلەر ياش كارخانىچىلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى قوللايدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئاقىللار ئامبىرى، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر گەنسۇدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگودىن سەمىمىي ھال سورىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق قاتارلىق مۇھىم پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، رايون خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپا ھېسابلىنىدۇ. ئالتە دۆلەت پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېڭىلىق يارىتىش، نامراتلىقنى ئازايتىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، سۇ بايلىقى، ساياھەت، ئادىمىيەت ۋە تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ئىقتىسادىي تەرەققىيات بەلبېغىنى بەرپا قىلىپ، لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى بويىدىكى دۆلەتلەر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىمىز.

  يىغىندا، «لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى 4-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنى نىيبىدۇ خىتابنامىسى»، « لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىنىڭ 2023-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانى» ۋە «لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كارىدورى قۇرۇلۇشى ئورتاق تەشەببۇسى» ئېلان قىلىندى. تايلاند كېلەر نۆۋەتلىك لەنساڭجياڭ – مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ