سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 12-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە بولغان ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا چىقارغان تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 2024-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، دېھقانلارنى بېيىتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك. سىياسىي كېڭەش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، كۆزلىمىنى يېتەكلەش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ پۇختا ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنى ئېچىشقا ئالاقىدار ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى (لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2024-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، كېڭىشىش پىلانى، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى ئېچىش خىزمەت پىلانى، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلانى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2024-يىللىق ئۆگىنىش لېكسىيەسىنىڭ پايدىلىنىش تېمىلىرى، رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 2024-يىللىق ئۆگىنىش پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2024-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى يازما قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھە ۋە خىزمەت خۇلاسىسىنى 5-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيېيى سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى قىلىپ بېكىتىلدى.
يىغىندا ۋۇ يەنشېڭ، ليۇ شىچۈەن، ۋاڭ چاڭچىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، 5-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، چىن بويۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى