مەملىكەت بويىچە يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ شانلىق ئىدىيەسى ۋە ئالىيجاناب روھىي خىسلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، بوشاشماي ئىزدىنىپ، تەتقىقات يېڭى نەتىجىلىرى، ئىلىم-پەن يېڭى تەرەققىياتى، نەزەرىيە يېڭى ئىجادىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى ئىجادىي قوللىنىلىشى ۋە تەرەققىياتى، ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپ ۋە تەجرىبە يەكۈنى بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ، ئۆزگىچە دەۋر قىممىتىگە ئىگە. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئالىي سىياسىي پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئىچكى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى كۈچەيتىش؛ ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئىلمىي، توغرا تونۇپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، خىزمەتلەرنى پىلانلاش؛ چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزىگە خاس قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.
سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، ئېسىل ئەنئەنىنى ئاڭلىق جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت-ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، يىغىنغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماۋ زېدۇڭنىڭ ھاياتى ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى تەتقىقات نەتىجىسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 100دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە قاتناشتۇرۇلدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 150تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم يىغىندا ئىلىم ئالماشتۇردى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ