مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ

«ئارمىيەنىڭ توشۇش - يەتكۈزۈش نىزامى»نى ئېلان قىلدى

2023.12.29 10:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ئارمىيەنىڭ توشۇش - يەتكۈزۈش نىزامى»نى ئېلان قىلدى. 2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى رەھبەرلىك - قوماندانلىق تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسى روشەنلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەت مۇناسىۋىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى توشۇش - يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قانۇنچىللىق كاپالىتى، تۈزۈم قوللانمىسى ۋە ئەمەلىيەت يولى بىلەن تەمىنلەندى.

  «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 58 ماددا بولۇپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دىققەت ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سىستېما لايىھەسىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئارقا سەپ قۇرۇش تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم، فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، تەشكىلىي تەرتىپ قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى دەۋردىكى توشۇش - يەتكۈزۈش خىزمىتى تەڭشىلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، توشۇش - يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ