جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇش كېرەك

2023.12.28 09:49 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇشى كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ۋەكىللەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتى ۋە دائىمىي كومىتېت خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىنى تەييارلاشنى چۆرىدەپ پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى. جاۋ لېجى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىل 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دائىمىي كومىتېت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر، تاشقى ئالاقە، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: دائىمىي كومىتېتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋەكىللەرنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى توپلاش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تەييارلاشتىن قاراپ چىقىپ تۈزىتىش، دەلىللەپ باھالاشقۇچە نۇرغۇن ۋەكىللەر ئاكتىپ قاتنىشىپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، 270 نەچچە ئادەم قېتىم ۋەكىل دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى، 50 نەچچە ئادەم قېتىم ۋەكىل قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ، ئاممىغا يېقىن، ئەل رايىغا ئۇيغۇن، يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ئەسقاتىدىغان نۇرغۇن پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى. دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتى تەسىس قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، «ئىككى ئالاقە»نى كۈچەيتىشنى تۇتقا قىلىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللىدى ۋە كاپالەتلەندۈردى.

  جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى ئېچىلىدۇ. ۋەكىللەرنىڭ مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، ساداسى ۋە تەلىپىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن چارە-تەدبىر تېپىپ، پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يىغىندىن بۇرۇن، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە خىزمەت توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يىغىندا، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىگىلىگەن ھەقىقىي ئەھۋالنى، ئاممىنىڭ ئويى، تەقەززاسى ۋە ئارزۇسىنى قاراپ چىقىش سۆزىدە ئەكس ئەتتۈرۈش، تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەردە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئۆز كەسپى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئەستايىدىل قاتنىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ