شى جىنپىڭ ئىراندا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران زۇڭتۇڭى لەيشىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.01.05 11:20 مەنبە: خەلق تورى

  1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىراندا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران زۇڭتۇڭى لەيشىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ كېرمان ئۆلكىسىدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، ئىراننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ