مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2024.01.04 09:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى باشلىقلىرى يىغىنى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  سەي چى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدەپ ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى يېڭى ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىدىيە-ئەخلاق ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تيې نىڭ، چېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ