جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2024.01.05 11:19 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى پۈتۈن كۈن يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ ئۆتتى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىگە، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. بۇ قېتىمقى يىغىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم بەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشى بولۇپ، بۇ تۈزۈمدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پائال تۆھپە قوشۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام - تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دادىللىق بىلەن ئىش قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقىدا ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرۈپ، «ئەمەلىي بولۇش»نى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشتى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى بىر يىلدا، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چۆرىدەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى پۇختا، تولۇق ئادا قىلىپ، كېڭىشىش، ئىش بېجىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى داۋاملىق ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ