دىڭ شۆشياڭ بېيجىڭدا مەملىكەتلىك 5-قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تىزىملاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2024.01.04 09:41 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەملىكەتلىك 5-قېتىملىق ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دىڭ شۆشياڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تىزىملاش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت كۈچىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە، ئىلمىي، خەلقنى كۆزلەپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى توغرا ئىگىلەپ، يىرىك پىلان ۋە سىياسەتنى ئىلمىي تۈزۈشنى مۇھىم ئۇچۇر تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ماي ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كەلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىستاتىستىكىنىڭ جېنى ھەقىقىي بولۇشتا، چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆلەملەشكەن ئورۇنلارنىڭ ئىستاتىستىكا ئاساسى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، ھەر بىر جەدۋەلنى ئەينەن تولدۇرۇپ، ھەر بىر كۆرسەتكۈچنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ۋاقتىدا توغرا يوللىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ھەر ۋاقىت مەلۇم قىلىپ، ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگۈچىلەرنى ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا تەشكىللەپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەقىقىي، توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشىغا مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئارقىدىن دىڭ شۆشياڭ پۇقراۋى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا «لەنيوۋ» پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كۆلەملەشمىگەن ئورۇنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانا تولدۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تەتقىق قىلىپ ئېچىش پائالىيىتى، خادىملارنىڭ مائاشى قاتارلىق كونكرېت ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ئىستاتىستىكىسىنى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ توغرا، ئۈنۈملۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىش، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى ئىشەنچلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاپ، «ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ماتېرىيالىنى ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىش» دېگەن قاتتىق چەكنى قويۇش كېرەك.

  جىچۈن شياۋسۈن ئىشخانا بۇيۇملىرى تىجارەت بۆلۈمىدە، دىڭ شۆشياڭ دۇكان خوجايىنى ۋە تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى توپلاش تەرتىپىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەملىكەت بويىچە 100 مىليوندىن ئارتۇق يەككە تىجارەتچى بار بولۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم مىكرو ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن، تەكشۈرۈشكە تاللانغان يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ پائال ماسلىشىپ، ئەينەن مەلۇم قىلىپ، سانلىق مەلۇمات سۈپىتى ئاساسىنى پۇختىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تەكشۈرگۈچى خادىملار ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىنچىكە ئىشلەپ، سەمىمىي پوزىتسىيە ۋە پىششىق ماھارەت بىلەن تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئاخىرىدا دىڭ شۆشياڭ جۇڭگۇەنسۈن كوچا باشقارمىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تەكشۈرگۈچىلەردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرگۈچىلەر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەرتىپى قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنى، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ