لى چياڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەتلىك ـ ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە ئىشنى ياخشى باشلاشقا، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024.01.04 09:40 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 2- ۋە 3-كۈنلىرى خۇبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەتلىك ـ ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن باشتىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە ئىشنى ياخشى باشلاشقا، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى چياڭ يىچاڭدا ئالدى بىلەن گېجۇبا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا كېلىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداش، سەنشيا سۇ تىرانسپورت يېڭى يولى ۋە جىڭخەن قانىلىنى پىلانلاش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلمىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، پىلانلاش، دەلىللەش ۋە تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ تىرانسپورتى، سۇچىلىق، ئېكولوگىيە، مەدەنىيەت ساياھەت قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. لى چياڭ ئارقىدىن شىڭفا گۇرۇھىغا كېلىپ، كارخانىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى تۈزەش ۋە چاڭجياڭ دەرياسى قىرغىقىدىن كارخانىلارنى چېكىندۈرۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىشىنى ئۈمىد قىلدى. لى چياڭ باڭپۇ تولۇق زەنجىرلىك بىرگەۋدىلەشكەن كەسىپ رايونىدا كارخانىنىڭ كېرەكسىز، كونا باتارېيەنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئايلانما ئىقتىساد بەرپا قىلىش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىنى نىشانلاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشلامچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  لى چياڭ ۋۇخەندە چاڭجياڭ سۈنچۇ شىركىتى، خۇاگۇڭ لازېر نۇرى شىركىتىگە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، چاقنىما ساقلىغۇچ ئۆزىكى، لازېر نۇرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. لى چياڭ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ماختىدى، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ توغرا قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى. ۋۇخەن داشۆسى ئۆلچەش-سىزىش يىراقتىن سېزىش ئۇچۇر قۇرۇلۇشى دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدا، لى چياڭ زور قۇرۇلۇشلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ كۆپ كۆرۈنۈشلۈك تەتبىقلاشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  لى چياڭ ئېجۇدا، خۇاخۇ ئايرودۇرۇمىغا كېلىپ، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، شۈنفېڭ پوسۇلكا ئايرىش لىنىيەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خۇاخۇ ئايرودۇرۇمى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت تۈگۈنى بولۇپ، روشەن رايون ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى ئاساسىي شارائىتقا ئىگە، قۇرۇلۇش تىجارەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  لى چياڭ خۇبېينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، خۇبېينىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋۇ جېڭلوڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ