لى چياڭ ياپونىيەنىڭ ئىشىكاۋا ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىيو كىشىداغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.01.04 09:41 مەنبە: خەلق تورى

  1-ئاينىڭ 3-كۈنى، گوۋۇيۈەنىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ ياپونىيەنىڭ ئىشىكاۋا ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىيو كىشىداغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ ئىشىكاۋا ناھىيەسىدە كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. دۆلىتىڭلار ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ چوقۇم قىيىنچىلىقنى بالدۇرراق يېڭىپ، يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو ياپونىيەنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ