مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا يېزا-بازار شىپاخانىلىرىنىڭ ئىشتاتىنى ئىگىلىۋېلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

2024.01.09 10:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  شىنجاڭدا 2025-يىلىغا بارغاندا، بارلىق يېزا-بازارلىق شىپاخانىلاردا جۇڭگو تېبابىتى سارىيى تەسىس قىلىنىدۇ

  «تەدبىر» مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىك مۇلازىمىتى تەمىناتى كېڭەيتىلىدۇ. 2025-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى %95 يېزا-بازار شىپاخانىسى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئاساسىي ئۆلچىمىگە، %15 ئەتراپىدا يېزا-بازار شىپاخانىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارى تەۋسىيە ئۆلچىمىگە يېتىپ، مەھەللە دوختۇرخانىسىدىن 50 ى قۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆلچىمىگە يەتكەن كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ نىسبىتى %30 تىن ئاشۇرۇلىدۇ، بارلىق يېزا-بازار شىپاخانىلىرىدا جۇڭگو تېبابىتى سارىيى تەسىس قىلىنىپ، ئالتە تۈردىكى 10 تۈرلۈك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكىگە ماس كېلىدىغان تېخنىكىلار قېلىپلاشتۇرۇلۇپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرلارنىڭ شۇ ئاپپاراتتىكى دوختۇرلار ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %25 تىن ئاشۇرۇلىدۇ، %15 جۇڭگو تېبابىتى سارىيىدا مۇلازىمەت مەزمۇنى قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلىدۇ، كەنت شىپاخانىلىرى جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شىنجاڭدا يېزا-بازار شىپاخانىلىرىنىڭ ئىشتاتىنى ئىگىلىۋېلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

  «تەدبىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ، ھەر بەش يىلدا يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ خادىملار ئىشتاتى ئومۇمىي مىقتارىنى جانلىق تەڭشەپ، ساقلانما ئىشتاتنى جانلاندۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىلىدۇ. ئىشتاتنى ناھىيە (شەھەر، رايون) ئىچىدە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىپ، ئىشتات بولسىلا تولۇقلاش پىرىنسىپى بويىچە ئالدى بىلەن يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ ئىشتاتىنى ئىگىلىۋېلىش ۋە يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارىيەت ئېلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئىشتاتى ئىشتات ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %90 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئوخشاش شەرت ئاستىدا كەسپىي (ياردەمچى) دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن يېزا دوختۇرلىرىنى ئالدىن تەكلىپ قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭدا يېزا-كەنت ئۇنىۋېرسال دوختۇرلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامدا ئۇدا خىزمەت قىلغىنىغا 10 يىل توشقان بولسا، باھالاش ئارقىلىق مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا بىۋاسىتە ئېرىشەلەيدۇ

  «تەدبىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بەلگىلىمە بويىچە ئۇنۋان باھالاش-تەكلىپ قىلىشنى «نىشانلىق باھالاش، نىشانلىق ئىشلىتىش»نى يولغا قويسا بولىدۇ، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورۇنلىرىدا ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش، نىسبەتنى ئايرىم بېكىتىش يولغا قويۇلىدۇ، جايلار، ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىش ئورنى قۇرۇلما نىسبىتىنى ئىگىلىمەيدۇ. يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامدا ئۇدا خىزمەت قىلغىنىغا 10 يىل توشقان بولسا، ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشى ئارقىلىق، بىۋاسىتە مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشسە بولىدۇ، «نىشانلىق باھالاش، نىشانلىق ئىشلىتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. نىشانلىق باھالاش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇنۋان، تەكلىپ قىلىنغان ئىش ئورنى يېزا-بازار شىپاخانىسى بىلەن چەكلىنىدۇ. 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارنىڭ كەسپىي تېببىي خادىملىرىنى مۇئاۋىن ئالىي ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈشتە، ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن بۇيان ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا بىر يىلدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلغان بولۇشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىنى ئۆستۈرۈشتە، چوقۇم يېزا-كەنت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ياكى ۋەزىپە بىلەن چېنىققىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ