مۇھىم خەۋەرلەر

ھەر يىلى 100 كىشىنى تاللاپ تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ!

2024.01.09 00:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن پېنسىيەگە چىققان پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا يەنىمۇ جەلپ قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېقىندا «ئاق چاچلىقلار پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ھەر يىلى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن پېنسىيەگە چىققان 100 نەپەر ئەتراپىدىكى پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ تېخنىكا كوللېكتىپى تەشكىللەپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ.

  «ئاق چاچلىقلار پىلانى»غا تاللىنىدىغان كەسپلەر نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق-ماي، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە-كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر توپى ھەمدە نوپۇسنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكى، ئۆزەك قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى ئەقلىي كۈچ ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تاللاش تەتقىقات تىپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېخنىكا تىپىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقات تىپىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەر بىرىگە ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 300 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ تېخنىكا تىپىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەر بىرىگە ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

  تەتقىقات تىپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر، باشلامچى كارخانىلار، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇتەخەسسىس، ئالىملار بولۇشى كېرەك. تېخنىكا تىپىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتە ساھەدىكى باشلامچى كارخانىلاردا تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، مول تەجرىبىگە ئىگە، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پىششىق بىلىدىغان تېخنىكا تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ