خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تور مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ساپلاشتۇرۇپ، تور پىتنە-ئىغۋالىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى 2024-يىلىنى «تور پىتنە-ئىغۋالىرىغا زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى يىلى» قىلىشنى قارار قىلدى. شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈرلۈك تور پىتنە-ئىغۋا يىپ ئۇچىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، ساختا ئۇچۇر توقۇپ تارقىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، پاكىز تور بوشلۇقى مۇھىتىنى ھەقىقىي قوغدىدى.
1-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ ج خ نازارىتى توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا زەربە بېرىش، تۈزەش بويىچە 5 تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.
شىنجاڭ، شەندۇڭدىكى ج خ ئورگانلىرى بىرلىشىپ ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى
شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرى خىزمەت جەريانىدا تور ئەھلى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ توردا شىنجاڭغا چېتىشلىق يەر تەۋرەشكە دائىر پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلغانلىقىنى بايقاپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەن جايدىكى شەندۇڭ ج خ ئورگىنى بىلەن بىرلىشىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئاساسەن شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھەرلىك ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاڭ فامىلىلىككە مەمۇرىي جازا بەردى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ج خ ئورگىنى ۋۇ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى ج خ ئورگانلىرى خىزمەت جەريانىدا تور ئەھلى ۋۇ فامىلىلىكنىڭ توردا گەنسۇدىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسى توغرىسىدا يالغان خەۋەر ۋە يامان غەرەزلىك سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايقىدى. نۆۋەتتە، ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋۇ فامىلىلىككە مەمۇرىي جازا بەردى.
قاراماي شەھىرىدىكى ج خ ئورگانلىرى ۋۇ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى
قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىدىكى ج خ ئورگىنى خىزمەت جەريانىدا تور ئەھلى ۋۇ فامىلىلىكنىڭ ئۆزى ئاڭلىغان مەلۇم جايدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى پىتنە-ئىغۋاغا ئاساسەن توردا ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە، ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋۇ فامىلىلىككە مەمۇرىي جازا بەردى.
قۇمۇلدىكى ج خ ئورگىنى ياڭ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى
قۇمۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى ج خ ئورگىنى خىزمەت جەريانىدا تور ئەھلى ياڭ فامىلىلىكنىڭ توردا مەلۇم جايدا ساقچى ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلىش، قورال-ياراغ بۇلاش توغرىسىدىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايقىغان. نۆۋەتتە، ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ياڭ فامىلىلىككە مەمۇرىي جازا بەردى.
ئاقسۇدىكى ج خ ئورگىنى جوۋ فامىلىلىكنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ج خ ئورگىنى خىزمەت جەريانىدا تور ئەھلى جوۋ فامىلىلىكنىڭ توردا بايرام مەزگىلىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ ھاراق ئىچىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايقىغان. ھازىر ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە جوۋ فامىلىلىككە مەمۇرىي جازا بەردى.
شىنجاڭ ساقچى دائىرىلىرى تور ئەھلىنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئىسپاتلانمىغان تور ئۇچۇرلىرىنى پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىغۋا توقۇماي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تور بوشلۇقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئەسكەرتتى. ج خ ئورگانلىرى توردا پىتنە-ئىغۋا توقۇش، تارقىتىش، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قەتئىي قاتتىق زەربە بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى