مۇھىم خەۋەرلەر

بومباردىمانچى-K6 ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى مۇستافا ئەلىنىڭ يېڭى يىللىق بېغىشلىمىسى:

ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ يۈرەكلىك ھالدا ئارزۇيىڭىزغا ئىنتىلىڭ

2024.01.09 00:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2023-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات قانىلىنىڭ «ئۆرلە جۇڭگو» ناملىق يېڭى يىللىق ئالاھىدە پىروگراممىسىنىڭ نەق مەيدانىدا، بومباردىمانچى-K6 ئايروپىلاننىڭ شىنجاڭلىق تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى مۇستافا ئەلى تەكلىپكە بىنائەن نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى تاماشىبىنلارغا ئورتاق ھەمبەھرىلىدى.

  مۇستافا ئەلى 1995-يىلى تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئالتايدىن، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر بومباردىمانچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى، ھازىر جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە مەلۇم تۈەنى ئۇچۇش 2-چوڭ ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى. مۇستافا ئەلى قىسىمغا قاتناشقاندىن بۇيان، يەر يۈزىدە جاپالىق مەشىق قىلىش، ھاۋادا توغرا ئۇچۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ قېتىم چوڭ-چوڭ ئۇرۇش مەشىقلىرىگە قاتنىشىپ، ئىپادىسى ياخشى بولغان. 2023-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇ تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە مەلۇم تۈەنى ئۇچۇش 2-چوڭ ئەترىتىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن «دەۋر نەمۇنىچىسى» دەپ نام بېرىلگەن.

  «ئۆرلە جۇڭگو» پروگراممىسىدا، مۇستافا ئەلى ئۆزىنىڭ «جەڭ ماھىرى»نى ھەيدەشنى پىششىق بىلىش ئۈچۈن، تەقلىد قىلىش مەركىزىدە ماھارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى سانسىز قېتىم مەشىق قىلغانلىقىنى، شۇ كۈنلەردە، ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە ئىلمى ئۆگىنىش خاتىرىسىنى توپلىغانلىقىنى، بۇ خاتىرىسىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ خەت كېلىدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

  ئۇ مەلۇم قېتىم يىراق دېڭىزدا ئۇرۇش، چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، راداردا چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانى پەيدا بولۇپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئارىلىقىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قارشى تەرەپ كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىنىڭ يۈزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. مۇستافا ئايروپىلاننى مۇقىم باشقۇرۇپ، ئۇچۇش يۆنىلىشىنى ساقلاپ، ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئۆزگەرتمەي، قارشى تەرەپنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ، قارشى تەرەپنى ئايروپىلاننى ھەيدەپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇ: «بومباردىمانچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز باشتىن-ئاخىر ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدۇق» دېدى.

  «بوران-چاپقۇن بۈركۈتنىڭ قانىتىنى سۇندۇرۇۋېتەلمەيدۇ»، مۇستافانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى تورداشلارنى قايىل قىلدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە ھۆرمىتىنى ۋە يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

  نۇتۇقنىڭ ئاخىرىدا، مۇستافا ئەلى ئېكران ئالدىدىكى كۆپچىلىكنى يۈرەكلىك ھالدا ئارزۇغا ئىنتىلىشكە تەكلىپ قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش تەسىراتىنى ئورتاقلىشىپ «پەقەت سىز كۆڭلىڭىزنى توختىتىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلسىڭىزلا، خۇددى غايەت زور ئەجدىھادەك كۆككە ئۆرلەۋاتقان ۋەتىنىمىزنىڭ سىزگە بېرەلەيدىغىنى سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدىنمۇ كۆپ ھەم ھەيران قالارلىق، سىزنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىدۇ، سىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ