مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»نى ئېلان قىلدى! 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2024.01.09 00:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» ئېلان قىلىندى، 2024-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  شىنجاڭدا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا قايمۇقتۇرۇشىغا، مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ

  «نىزام»دا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا قايمۇقتۇرۇشىغا، مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

  شىنجاڭدا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ

  «نىزام»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى پارچىلاش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغايول قويۇلمايدۇ؛ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت، توي، پىلانلىق تۇغۇت، ۋارىسلىق قاتارلىق تۈزۈملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئەتىگە، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  شىنجاڭدا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى قانۇنسىز دىنىي تەشكىلات، قانۇنسىز دىن تارقاتقۇچىلار، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ۋە دىندىن پايدىلىنىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلارنى بايقىسا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك

  «نىزام»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا قانۇن بويىچە ھەمكارلىشىپ، قانۇنسىز دىنىي تەشكىلات، قانۇنسىز دىن تارقاتقۇچىلار، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى شۇنىڭدەك دىندىن پايدىلىنىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغانلارنى بايقىغاندا، شۇ جايدىكى يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى ياكى دىن ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان، قايتا قۇرۇلغان دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، بېزەكچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك ۋە جۇڭگوچە ئۇسلۇبنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك

  «نىزام»دا، يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان، قايتا قۇرۇلغان دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، بېزەكچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك ۋە جۇڭگوچە ئۇسلۇبنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكى بەلگىلەندى.

  بۇ يەرنى بېسىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»نىڭ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ