مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىزام چىقىرىپ، دىنىي ئالىي مەكتەپنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2024.01.05 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  1- ئاينىڭ 4 كۈنى ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى» ئېلان قىلىندى ۋە 2024-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام» دا دىنىي ئالىي مەكتەپنى باشقۇرۇش نىزامى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

  13-ماددا دىنىي ئالىي مەكتەپ ئاپتونوم رايوندىكى دىنىي تەشكىلات تەرىپىدىن قۇرۇلىدۇ. باشقا تەشكىلات ياكى شەخسلەر دىنىي ئالىي مەكتەپ قۇرالمايدۇ. دىنىي ئالىي مەكتەپنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئىلتىماسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  14-ماددا دىنىي ئالىي مەكتەپ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مەكتەپ قۇرۇش يولىدا مېڭىشى، مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  15-ماددا دىنىي ئالىي مەكتەپ تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

  (1) ۋەتەنپەرۋەر زاپاس دىنىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش؛

  (2) دىنىي تەلىماتلارنى توغرا ئىزاھلاش؛

  (3) خىزمەتتىكى دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش.

  16-ماددا دىنىي ئالىي مەكتەپ ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىك ۋىلايەت، شەھەر (ئوبلاست) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي ئىشخانا) نىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يېتەكلىشى، نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىپ، باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە مەشغۇلات مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە قوغدىشى كېرەك. نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.

  17-ماددا دىنىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش، كەسپىي ئۇنۋان باھالاش ۋە تەيىنلەش، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋان بېرىش سىستېمىسىنى يولغا قويىدۇ. كونكرېت ئىشلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.

  18-ماددا دىنىي تەشكىلات بۇتخانا، مەسچىت ۋە چېركاۋلار بىلەن دىنىي خادىملارنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرسا، ئوبلاست ، شەھەر (ۋىلايەت) خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك. (مەمۇرىي ئىشخانا) دىن ئىشلىرى بۆلۈمى تەستىقلايدۇ. ئۈچ ئايغا يەتمەيدىغان دىنىي تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن، چوقۇم ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلار تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش كېرەك.

  دىنىي تەشكىلات، دىنىي مەكتەپ، مەسچىت، بۇتخانا ۋە چېركاۋلاردىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەر دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارسا بولمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ