12-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇنجى تۈركۈمدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەرلىك 52 توكسىكلىتى ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ يولغا چىقتى، مۆلچەرلىنىشىچە 10 كۈندىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يەرلىك توكسىكلىتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېكسپورت قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
بۇ توكسىكلىتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان «فېيفېڭ» ئاپتوموبىل كەسپى (قىزىلسۇ ئوبلاستلىق) چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «فېيفېڭ» ئاپتوموبىل كەسپى دېيىلىدۇ) توكسىكلىت، توكلۇق ۋېلىسىپىت ۋە ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان ۋە ئېكسپورت قىلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىسى.
«فېيفېڭ» ئاپتوموبىل كەسپى ۋۇشى شەھىرى ئاقچى ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغان كارخانا بولۇپ، بۇ يىل 9-ئايدا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى جياڭسۇ كەسىپلەر رايونىغا رەسمىي ماكانلىشىپ، ئىككى نۆۋەتلىك توكسىكلىت ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە يېتىدۇ.
كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، «فېيفېڭ» ئاپتوموبىل كەسپى 2023 (12-نۆۋەتلىك) ئۆزبېكىستان-جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ «دېتەي» ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى بىلەن يىلىغا 10 مىڭ توكسىكلىت سېتىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى ئېكسپورت سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
فېيفېڭ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ باش دىرېكتورى تۇ چىفېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قىرغىزىستاندىكى بىر سودىگەر بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىمىز، ئەڭ تېز بولغاندا 2024-يىلى ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەرلىك توكسىكلىتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ بازارلارغا سېتىشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ