شى جىنپىڭ ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى

2023.12.14 10:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويدا ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويدا ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ پارلامېنت بىناسىغا يېتىپ كەلگەندە، ۋاڭ تىڭخۇي ۋە ۋىيېتنامدىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ۋىيېتنامنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش، غايە ـ ئېتىقادى تۇتاش، ئىستىقبالى، تەقدىرى بىر ـ بىرىگە چېتىشلىق، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۆز پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 73 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقى دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللەت ئازادلىقى ئىشلىرىدا بىر ـ بىرىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش داۋامىدا يۈكسىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى داۋامىدا چوڭقۇرلاشتى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. تۈنۈگۈن، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، سىرتقا جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاكتىپ سىگنالنى قويۇپ بەردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ داۋاملىق جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، دوستانە ھەمكارلىق يولىنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ياخشى ئەنئەنە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يۇقىرى قاتلام ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ياخشى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئوخشاشلا ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتا ھەم تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە، ھەم بۇ، رېئال ئېھتىياج. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەسىلە، ئىختىلاپلارنى ياخشى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش كېرەك. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تونۇشى ۋە ئارزۇسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى توقۇنۇشتۇرماي بىللە يولغا قويۇپ، دېڭىز ھەمكارلىقىنى، بولۇپمۇ ئورتاق ئېچىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ۋىيېتنام پارلامېنتى ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش نازارەتچىلىكى جەھەتتىكى پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كۆڭۈل رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇشقا پايدىلىق خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋاڭ تىڭخۇي ۋىيېتنام خەلقىگە ۋاكالىتەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، دەل ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىغا توغرا كەلدى. تۈنۈگۈن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قوشۇلدى، بۇ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەر ئورناتقان «ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە ئالاھىدە دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلغانلىق ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرغانلىق بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبال يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونىڭ مۇقەررەر ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ پارتىيە ۋە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ۋىيېتنام پارلامېنتى ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ