لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت

2023.12.18 11:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»دا مۇنۇلار نۇقتىلىق بەلگىلەندى: بىرىنچى، بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە تەسىس قىلىش ئىجازىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىشتا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش، تەسىس قىلىش شەرتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە ئىجازەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش بەلگىلەندى. ئىككىنچى، چىقىم كەسپى قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىقىم قىلىش كەسپىنىڭ ئۇدا، بىخەتەر، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى بەلگىلەندى. ئۈچىنچى، ئابۇنىتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش. تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ماسلىشىپ خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ