شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار ۋە دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2023.12.14 10:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خانويدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار ۋە دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ «ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خانويدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار ۋە دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن دۆلەت يىغىن مەركىزىگە يېتىپ كەلگەندە، ۋىيېتنام تەرەپ ياشلار ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن رۇەن فۇجۇڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىرلىكتە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار ۋە دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي سۈرەتكە چۈشتى.

  جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دوستانە زاتلىرى ۋە ياشلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن ئىدى، گۈل ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ پارتىيە بايراقلىرى، دۆلەت بايراقلىرى بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، خۇشاللىق دېڭىزىنى ھاسىل قىلغانىدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ «ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ـ ۋىيېتنام دوستلۇقى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان يېڭى، كونا دوستلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۈنۈگۈن، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئاچتۇق. بۇ بىزنىڭ دۇنيا سوتسىيالىزمىنى گۈللەندۈرۈش ۋە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چىقىش قىلىپ چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىمىز بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

  ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىسەك، بىزنىڭ مەقسەت ۋە نىشانىمىز بىردەك، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ ئۆتتۇق. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئورتاق غايە ـ ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ، دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللەت ئازادلىقى ئىشلىرى مۇساپىسىدە قىيىن كۈنلەردە بىللە بولدى، بىر ـ بىرىنى قوللىدى. رەئىس خۇ جىمىڭنىڭ «ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» دېگەن داڭلىق مىسراسى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئاشۇ قاينام ـ تاشقىنلىق يىللارغا دائىر ئۆچمەس تارىخىي ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى. مەۋقەنى ھازىرغا قويغاندا، بىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتىمىز ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىۋاتىمىز. ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان 15 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، بىزنىڭ ئىستىقبالىمىز چېتىشلىق، تەقدىرداش. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، ۋىيېتنام سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنى ۋە يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئاساسى خەلقتە، كەلگۈسى ياشلاردا. شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ياشلىرىغا قارىتا ئۈچ ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك. بۈگۈنكى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق قايىل قىلارلىق ھالدا دۇنياغا ئىككى تەرەپ تاللىغان تەرەققىيات يولىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە زاتلار، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ جۇڭگو ـ ۋىيېتنام دوستلۇق مۇساپىسىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىككىنچى، تىرىشىپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بولۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە ۋىيېتنامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، ھەم ئۆزىگە تايىنىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەم تىنچ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىككى دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جاي، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش جاھاندىكى توغرا يول. ئىككى تەرەپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ئىناق، گۈللەنگەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى دادىل يول ئاچقۇچىلاردىن بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيانى قەلبكە پۈككەن ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەزاسى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىدىغان تايانچ كۈچ بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا ئاۋاز قوشۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇمىغاندىلا، قەيەرگە بېرىشنى بىلەلەيمىز. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش داۋامىدىكى جاپالىق مۇساپىسى ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خېيىم ـ خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدىكى مۇھىم تارىخىي تەجرىبە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. بىز باشتىن ـ ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قول تۇتۇشۇپ ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىپ، سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللەت ئازادلىقى ئىشلىرى ھەم سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى. ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش. ۋىيېتنام تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋىيېتنامنى تەمىنلىگەن تۈرلۈك قىممەتلىك ياردىمىنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان 15 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر ـ بىرىگە ئىشىنىشى كۈنسېرى كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. بۇ ئىككى كۈندە، خانويدىكى كوچىلارنىڭ ھەممىسى خۇشال قىزغىن كەيپىياتقا تولدى، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق، بۇ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي ئابىدە بولۇپ، مۇقەررەر ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەر ئورناتقان قويۇق دوستلۇقنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ھەم ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدا تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان پەيتتە، ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئۆزلىرى ۋاقىت چىقىرىپ جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام دوستانە زاتلار ۋە ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامدىكى ياشلار ۋە دوستلۇق ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي، زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى جاكارلىدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، تىنچلىق، ھەمكارلىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، مۇقەررەر جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ گۈزەل يېڭى مەنزىل ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەيدۇ. ئىككى دۆلەت ياشلىرى «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «خەلق رايى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ۋە تۆھپە قوشىدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ