شى جىنپىڭ ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى

2023.12.14 10:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويدىكى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويدىكى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغا كىرگەندە، ۋىيېتناملىق نەچچە يۈز ياش ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ نەچچە ئون پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىشىغا گۇۋاھ بولدۇق، بۇ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ غايە ـ ئېتىقادى ئوخشاش، ئىستىقبالى تەقدىرداش. مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق، ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مىسلىسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بۇ، ۋىيېتنامنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد جەھەتتە بىر ـ بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى پىروگراممىسى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە يېڭى بوشلۇق ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، ۋىيېتنام بىلەن كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىزم پاراخوتىدا، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش توغرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلەنسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، خەلقلەرنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ياش ئەۋلادلىرىنى جۇڭگو ـ ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى بالدۇرراق ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ۋە ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەم ئۆزلىرىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەم بۇ، تىنچ، خاتىرجەم دۇنيا، بولۇپمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. ئىككى تەرەپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلاردىن ھوشيار بولۇپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى تاشقى مۇھىتنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. فەن مىڭجېڭ ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ غايىسى ئوخشاش، يولى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەر قېتىملىق زىيارىتى ۋە ئېلان قىلغان مۇھىم بايانلىرىنىڭ ھەممىسى ۋىيېتنام تەرەپنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنى تېخىمۇ يېقىن ئۆتۈش، تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تۈنۈگۈن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى ئورنىنى بېكىتتى، بۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تارىخىي ئابىدە بولۇپ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ۋىيېتنام تەرەپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى، جۈملىدىن شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى غايەت زور تەرەققىياتىغا قايىل، داۋاملىق ئۆگىنىشنى ۋە ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنام تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدىكى مۇھىم نۇقتىئىنەزەرنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، شۇنداقلا ۋىيېتنام خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى. ۋىيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتە تېخىمۇ» نىشانى بويىچە، يۇقىرى قاتلام قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىقتىساد ـ سودا، يەرلىك، خەلق ئىچى، مۇداپىئە ئىشلىرى، خەۋپسىزلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ. ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋاقىت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈردى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىشى ۋە دەخلى ـ تەرۇز قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ