شى جىنپىڭ كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو بىلەن جۇڭگو - كېنىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.12.15 09:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - كېنىيە ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلارغا، ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلارغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىدا ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بۇ يىل 10 - ئايدا، زۇڭتۇڭ رۇتو جۇڭگوغا كېلىپ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتى، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن جۇڭگو - كېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ رۇتو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە روشەن خاسلىققا ئىگە ھەمكارلىق يولىنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگو - كېنىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - كېنىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

  رۇتو مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، كېنىيە بىلەن جۇڭگو خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوللاش، دوستانە ھەمكارلىشىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇردى، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كېنىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ۋە جوھاننىسبۇرگ جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان، گۈللەنگەن، دوستانە، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ