شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن خوشلاشتى

2023.12.14 10:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ۋە رەپىقىسى ۋۇ شىمىن بىلەن خوشلاشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ۋە رەپىقىسى ۋۇ شىمىن بىلەن خوشلاشتى.

  رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن! باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى زىچ، مول ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز نەچچە ئون پارچە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدۇق، بۇ، كەلگۈسىدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بايا بىز يەنە بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە زاتلار ۋە ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا ئىلھاملاندۇردۇق، ئۇلارنىڭ بىز ئىككى دۆلەتنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو دوستلۇق ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، مەن بىرىنچى ۋاقىتتا باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم، بۇ قېتىم مەن يەنە ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئارقىلىق بۇ يىللىق جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردۇم، بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزلىرى بىۋاسىتە پىلانلىدى، بۇ بىزنىڭ ياخشى ئەنئەنىمىز. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، بىز بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغۇزدۇق، بۇ مۇقەررەر جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، مەن ئىللىقلىق ۋە ھاياجانغا تولدۇم. مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇكى، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ «ۋىېيتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» دەپ قايتا ـ قايتا تەكىتلىدى، بۇ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاساسىي نۇقتىسى. بىز بۇ يولنى بويلاپ داۋاملىق قەتئىي ماڭساقلا، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە چوقۇم يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتالايمىز. باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ ۋە رەپىقىسىنىڭ مەن ۋە رەپىقەمنى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئەڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا، بىزگە ئەڭ كاتتا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بىز بۇنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز. مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن داۋاملىق تۈردە تۈرلۈك جانلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايمەن.

  سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ