شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلدى

2023.12.14 10:11 مەنبە: خەلق تورى

  12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلدى.

  خانويدىن ئايرىلىپ ئايروپورتقا قاراپ ماڭغان يولدا، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى ۋە خۇاچياۋ، خۇارېنلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى ھەم زىيارەتنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پەن تىڭجو، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى خۇەيجۇڭ قاتارلىق ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە يەرلىكتىكى ۋەكىللەر ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ