شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.12.14 10:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويدىكى رەئىس مەھكىمىسىدە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويدىكى رەئىس مەھكىمىسىدە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تۈنۈگۈن، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئاچتۇق. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت خەلقلىرى دۆلەت مۇستەقىللىقى ۋە مىللەت ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا بىر ـ بىرىنى قوللاپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە دوستلۇق ئورناتتى. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆتكەن قاينام ـ تاشقىنلىق يىللارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئىنقىلابىي دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادىكى سوتسىيالىزم كۈچلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىر، بۇ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئورتاق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، رېئال تەلىپى ۋە خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇش، خەلق رايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇش، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشى، ھەمكارلىقى تېخىمۇ زىچ بولۇش، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، ھەل قىلىش تېخىمۇ ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ نىشاننى چۆرىدەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر داۋاملىق جانلىق شەكىل ئارقىلىق چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، سىياسىي تۈزۈمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەتئىي قوغداش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز، بۇرچىمىز. ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش، تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتنىڭ سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيادىكى سوتسىيالىزم كۈچىنى زورايتىش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەنپەئەت تورتىنى زورايتىش كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ۋىيېتنامنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈشنى كېڭەيتىشى كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، خەلق رايىنى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام خەلق ئىچى دوستلۇقىنى پۇختىلاشنى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بويىچە تەشۋىقات ـ تەربىيەنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدىكى ئالاقە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۆۋرۈك سېلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  بەشىنچى، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇقىم كۆزلىمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئوخشاشلا نەنخەي دېڭىزى بويىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ھەم ئورتاق مەنپەئىتى، ھەم ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان دېڭىز مەسىلىسىنى ئۇزاق مۇددەت ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماھىيەتلىك، ئۈنۈملۈك بولغان «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت ئۆلچىمى»نى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ۋۇ ۋېنشاڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقى ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن چوڭ ئىش، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تارىخىي ئىش. تۈنۈگۈن ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى، بۇ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇقەررەر ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورناتقان چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇق خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلاندى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو ئاچقۇچلۇق تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەڭداشسىز ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دوستانە بولۇپ باقمىغان. ۋىيېتنام تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش باشتىن ـ ئاخىر ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى دېگەن ئېنىق ئۇچۇرنى تارقىتىشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى ۋە دەخلى ـ تەرۇز قىلىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ.

  ۋۇ ۋېنشاڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشانلارنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋىيېتنامغا غايەت زور ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشاش بولۇش، غايە ـ ئىدىيەسى يېقىن بولۇش قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ـ سودا، ئادىمىيەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشىنى سەمىمىي قوللايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش روھى بىلەن دېڭىزدىكى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ۋىيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلار چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقىنى ھەم جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىققا بولغان مۇھىم يېتەكچىلىكىنى نامايان قىلدى، ۋىيېتنام تەرەپ پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، بەخت ـ سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋۇ ۋېنشاڭ ۋە رەپىقىسى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتناشتى.

  سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ