لى چياڭ «ئادەم ئورگانىزمى تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى

2023.12.15 09:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا «ئادەم ئورگانىزمى تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى، بۇ نىزام 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئادەم ئورگانىزمى تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدىغان ساۋابلىق ئىش بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا، ھاياتلىق ئېتىكىسى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىققا مۇناسىۋەتلىك، ئۇ دۆلەتنىڭ مېدىتسىنا تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. 2007-يىلى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان «ئادەم ئورگانىزمى كۆچۈرۈش نىزامى» ئورگانىزم تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئورگانىزم تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش خىزمىتى بىر قىسىم يېڭى ئەھۋال، يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، ئورگانىزم تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، «ئادەم ئورگانىزمى كۆچۈرۈش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  بىرىنچى، ئورگانىزم تەقدىم قىلىشقا بولغان تەشۋىقات ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورگانىزم تەقدىم قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش. نىزامنىڭ نامى «ئادەم ئورگانىزمى تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش نىزامى»دېگەنگە ئۆزگەرتىلىپ، ئورگانىزم تەقدىم قىلىشنىڭ مۇھىملىقى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئىختىيارىي بولۇش، ھەقسىز بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىغا ئاساسەن ئورگانىزم تەقدىم قىلىش شەرتى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئورگانىزم تەقدىم قىلىشقا بولغان تەقدىرلەش ۋە يېتەكچىلىك، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئورگانىزم تەقدىم قىلغۇچىلارنى ياد ئېتىش، خاتىرىلەش پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئورگانىزم تەقدىم قىلىشقا پايدىلىق ئىجتىمائىي كەيپىيات يېتىلدۈرۈش بەلگىلەندى؛ بىمارنىڭ جورىسى، بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار تۇغقانلىرى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدە ئىلگىرى ئورگانىزمىنى تەقدىم قىلغانلار بولسا، ئورگانىزم كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن رەتكە تىزىلىدۇ. ئورگانىزم تەقدىم قىلىش خىزمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزم تەقدىم قىلىش تەشكىلىي تورى ۋە ماسلاشتۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بەلگىلەندى.

  ئىككىنچى، ئورگانىزمغا ئېرىشىش ۋە تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جەسەتنىڭ ئورگانىزمىغا ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر ۋە ئورگانىزمغا ئېرىشىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تەلەپلەر بەلگىلەندى. ئورگانىزمغا ئېرىشىشتىن بۇرۇنقى ئېتىكا تەكشۈرۈش تەلىپى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، جەسەت ئورگانىزمىغا ئېرىشىشنىڭ گۇۋاھلىق تەرتىپى بەلگىلەندى. جەسەتنىڭ ئورگانىزمىنى تەقسىملەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورگانىزمىنى تەقسىملەشنىڭ داۋالاش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىشى، ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىشى، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە، ساغلاملىق تارماقلىرى بەرپا قىلغان تەقسىمات سىستېمىسى ئارقىلىق بىر تۇتاش تەقسىملىنىشى بەلگىلىنىپ، جەسەتنىڭ ئورگانىزمىنى تەقدىم قىلىش ۋە تەقسىملەش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىندى. يېشىل يول خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، جەسەت ئورگانىزمىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان توشۇش بەلگىلەندى.

  ئۈچىنچى، ئورگانىزم كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش. داۋالاش ئاپپاراتى ۋە كەسپىي دوختۇرلارنىڭ ئورگانىزم كۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىجازەتلىك باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، سالاھىيەت تەستىقلاش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تەستىقلاش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورگانىزم كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنى كىلىنىكىدا قوللىنىش ئىقتىدارىنى قەرەللىك باھالاپ، چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئورگانىزم كۆچۈرۈشتە ئېتىكا پىرىنسىپى ۋە تېخنىكىنى كىلىنىكىدا قوللىنىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ خېيىم-خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، داۋالاش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلەندى. ئورگانىزم كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ھەق ئېلىش دائىرىسىنى بەلگىلەپ، جەسەت ئورگانىزمىغا ئېرىشىش مۇلازىمىتىگە قارىتا تەننەرخ بويىچە ھەق ئېلىش، ھەق ئېلىش پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىش تەلەپ قىلىنىپ، مالىيە باشقۇرۇشى كۈچەيتىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، قانۇن جاۋابكارلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئورگانىزم تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ