مۇھىم خەۋەرلەر

«نىزام» ئېلان قىلىندى، 2024-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2023.11.28 23:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى» ماقۇللاندى، 2024-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  شىنجاڭدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاراتقۇ خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ

  «نىزام»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس-ئالىملار، ئادۋوكاتلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىزمەتچىلىرىنى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەملىشىدۇ.

  شىنجاڭدا يەتتە تۈرلۈك مەزمۇن قانۇننى قاتتىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

  «نىزام»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇننى قاتتىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  (1) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش جابدۇقلىرىنى سەپلەش قاتارلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى؛

  (2) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئەھۋالى؛

  (3) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئەھۋالى؛

  (4) قانۇن ئىجرا قىلىش سۇبيېكتى، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇق دائىرىسى، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛

  (5) قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى، قانۇن ئىجرا قىلىش قارارىنىڭ قانۇنلۇق بولغان-بولمىغانلىقى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى، خاراكتېرى، ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي خەۋپى بىلەن ئوخشاش بولغان-بولمىغانلىقى؛

  (6) قانۇن ئىجرا قىلىش قارارىنىڭ بەك يېنىك ياكى بەك ئېغىر بولغان-بولمىغانلىقى، ئادىل بولغان-بولمىغانلىقى؛

  (7) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ قانۇنلۇق، مۇۋاپىق بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار. •

  شىنجاڭدا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش ئورگانلىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرسا بولىدۇ

  «نىزام»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش ئورگانلىرى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى باھالاش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئارخىپىنى باھالاش قاتارلىق كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە مەخسۇس نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىش، 3-تەرەپنىڭ باھالىشىغا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش ئورگىنى كۈندىلىك خىزمەتلەردە بايقالغان مەسىلىلەر، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپى، ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرى، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئاساسەن مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جانلىق تەڭشىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ