شىنجاڭدا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچى ئۆمۈرلۈك ھەقسىز قان ئىشلىتەلەيدۇ
2023.11.28 23:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى نىزامى» ماقۇللاندى، بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش، جەسەت ۋە بەدەن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىئانە قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللىشى لازىم؛ قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ئۆزى، جەسىتى ۋە ئەزا (ئورگانىزم) تەقدىم قىلغۇچىنىڭ جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى ئۆمۈرۋايەت ھەقسىز قان ئىشلىتىدۇ، ئامبۇلاتورىيەدە نومۇر ئېلىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ