مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا تۆۋەن كىرىملىك ئاياللارغا 12 مىليون 340 مىڭ يۈەن «ئىككى خىل راك» قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىلدى

2023.11.28 23:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «تۆۋەن كىرىملىك ئاياللاردىن ئىككى خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش» بويىچە مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندىدىن 12 مىليون 340 مىڭ يۈەننى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 86 ناھىيە (شەھەر، رايون)گە تارقىتىپ، تۆۋەن كىرىملىك «ئىككى خىل راك» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 1234 ئايالغا نەپ يەتكۈزگەن.

  يېقىندا ئاقسۇ شەھىرىدىكى 41 ئايال، خوتەن شەھىرىدىكى 23 ئايال، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)دىكى 34 ئايالنىڭ ھەر بىرى 10 مىڭ يۈەندىن «ئىككى خىل راك كېسىلى» قۇتقۇزۇش پۇلى ئالدى. «كېسەل بولۇش بەختسىزلىك، ئەمما ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى ناھايىتى ئىللىق بولدى» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۇەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى ما خانىم قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن مىننەتدار بولغان ھالدا ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشقا ئاكتىپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «تۆۋەن كىرىملىك ئاياللاردىن ئىككى خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارغا ياردەم بېرىش» مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندى تۈرى 2009-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى 91 مىليون 730 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ھەم «ئىككى خىل راك» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 9173 ئايالغا ياردەم بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى لىڭخۇي مۇنداق دېدى: قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، «ئىككى خىل راك»نىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى زورايتىپ، كەڭ ئاياللارنى ساغلاملىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ساغلام، مەدەنىي، ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ ئاياللار ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللاشتۇرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ