خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايوننىڭ تېلېگراف-توردىكى يېڭىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە شىنجاڭدا 4201 تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى دېلوسى پاش قىلىنغان، دېلو پاش قىلىش نىسبىتى %67 كە يەتكەن، 8723 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %69.4 ئاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى، تۆت چوڭ تىجارەت كارخانىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، «ئىككى كارتا» (يانفون كارتىسى ۋە بانكا كارتىسى) ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايەت شايكىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، زور بىر تۈركۈم «ئىككى كارتا» ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايەت شايكىلىرىنى مەركەزلىك تۇتۇپ، زور بىر تۈركۈم «ئىككى كارتا» جىنايى ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان نۇقتىلىق رايونلارنى مەركەزلىك تۈزەپ، «ئىككى كارتا» جىنايىتى بىر قەدەر كۆپ بولغان زور بىر تۈركۈم تىجارەت سودىگەرلىرى ۋە بانكا تىجارەت تور نۇقتىلىرىنى مەركەزلىك ئاشكارىلاپ، «ئىككى كارتا» سېتىش كەسىپ زەنجىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلىدى. جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساھەدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 53 مىڭ 300 ئادەمنىڭ يانفون نومۇرىنى قوغداش خاراكتېرلىك تاقىدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 84 مىڭ ئادەمنىڭ بانكا ئىسچوتىنى پۇل تۆلەشتىن قوغداش خاراكتېرلىك توختاتتى.
1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرى 463 مىڭ 200 جىددىي، خەتەرلىك، دەرىجىسى يۇقىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا يۈزتۇرا نەسىھەت قىلىپ ئۇلارنى توسۇپ، 8 مىليون 945 مىڭ 400 ئوتتۇرا، تۆۋەن خەتەرلىك دەرىجىلىك خادىمغا تېلېفون بېرىپ، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق نەسىھەت قىلىپ، 15 مىڭ 892 دېلونىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىنى ئېلىپ، 423 مىليون يۈەن زىياندىن ئۈنۈملۈك ساقلاندى. ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 14 مىڭ 922 بانكا ھېساباتى قانۇن بويىچە توڭلىتىلدى، توڭلىتىلغان سومما 635 مىليون يۈەنگە يەتتى، شىنجاڭ بويىچە تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى دېلوسىغا چېتىشلىق 59 مىليون 387 مىڭ يۈەن مەبلەغ قانۇن بويىچە قايتۇرۇپ بېرىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ج خ ئورگانلىرى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئائىلىلەرگە، مەھەللىلەرگە، كەنتلەرگە، ئەترەتلەرگە، مەكتەپلەرگە، ئورۇنلارغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ۋاسىتە، ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ ۋە پاش قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق ئالدىنى ئېلىپ ئورتاق تەشۋىق قىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى بەرپا قىلدى؛ كۆپ يۈز بېرىدىغان دېلولاردىكى تىپىك دېلولارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ۋە زىيىنىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دائىملىق جازالاش، ئاشكارىلاش ئارقىلىق چۆچۈتۈش شەكىللەندۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ