خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە شىنجاڭدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2023-يىللىق ساياھەت يىللىق مۇنبىرى»نى ئۆتكۈزىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلەشكۈچى ھەمراھ دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مەدەنىيەت، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى مۇنبەر پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇنبەردە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بوشلۇقىنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچى» ئاساسىي مۇنبىرى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچى»،« ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ نامراتلارنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق مۇنبەر ۋە «كارخانىلار بىلەن كارخانىلار»، «كارخانىلار بىلەن ھۆكۈمەت» پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇنبەرگە قاتناشقان ۋەكىللەر يەنە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىدۇ.
2022-يىل 9-ئايدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى سەمەرقەنت خىتابنامىسى»دە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى قوللاش، رايون ۋە شەھەرلەرنىڭ ساياھەت جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەر 2023-يىلىنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساياھەت يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكى جاكارلاندى. بۇ يىل 3-ئايدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت تارماقلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىدا «<شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ساياھەت ھەمكارلىقى تەرەققىيات كېلىشىمى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى 2023-يىللىق بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى» ۋە «2023-يىللىق <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساياھەت يىلى> پائالىيىتى پىلانى» ماقۇللىنىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئادىمىيەت ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ