شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) نىڭ شياڭگاڭنى تەمىنلەيدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 30 توننا پىشۇرۇلغان ياڭىقى 18-چېسلا شىنجاڭ ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىدىن ئوڭۇشلۇق يولغا چىقتى.
شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شياڭگاڭغا تەمىنلەيدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 30 توننا پىشۇرۇلغان ياڭىقى 18-چېسلا شىنجاڭ ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىدىن ئوڭۇشلۇق يولغا چىقتى. رەسىمنى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى تەمىنلىگەن.
پىشۇرۇلغان ياڭاق ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 185 قەغەز ياڭىقىنى خام ئەشياسى قىلىدۇ، بۇ سورتتىكى ياڭاقنىڭ مېۋىسى توق، چۈرۈك، شاكىلىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى ئاران 0.8 مىللىمېتىر كېلىدۇ، مېغىز چىقىش نىسبىتى %65 تىن يۇقىرى. پىشۇرۇلغان ياڭاق سامان غوللۇق رېتسىپ بىلەن، ياڭاقنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قاقلاپ پىشۇرۇشتىن ئىبارەت زامانىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى ئىشلىتىپ پىشۇرغان ياڭاقنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يىل 9-ئايدا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق ئاسىيا خەلقئارا مېۋە-چېۋە، كۆكتات كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى «سىرتقا چىقىرىش» ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. نۆۋەتتە، يۈشى يېمەكلىكلىرى، جياشىنسى ئاسىيا چەكلىك شىركىتى، چېڭشىڭخاڭ قاتارلىق شياڭگاڭدىكى نۇرغۇن كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە سودا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا يىغىپ بىۋاسىتە تەمىنلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق، شىنجاڭ-شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شياڭگاڭغا تەمىنلەش زەنجىرى سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، كورلا شەھىرى قوشئېرىق يېزىسىنىڭ ئۈستۈن قوشئېرىق كەنتىدىكى بىر نەشپۈتزارلىقتا، قىزىرىپ پىشقان نەشپۈتلەر شاخلارغا پاتماي قالغانىدى (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۈي فوتوسى
كېيىن شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى يەنە شياڭگاڭ كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم، ئاقسۇ ناۋات ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى، قوغۇن، شىنجاڭ ئالۇچىسى قاتارلىق ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى داۋان رايونى بازىرىغا كىرگۈزىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى