2023-يىللىق ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ۋاڭ خۇنىڭ باش شۈجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى

2023.11.16 13:36 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىللىق ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 14-چېسلا نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىغا تەۋە ئىكەنلىكى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىدەك ئورتاق تونۇش ۋە قائىدە شەرھلەندى ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىشىگە ياردەم بېرىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى جاكارلىدى، ئىككى قىرغاقتىكى كارخانا، سودا-سانائەت ساھەسى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىغا بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا تەرەققىي قىلىشىنى ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ۋە كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. چوڭ قۇرۇقلۇق ئىلگىرى شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالىدۇ. بىز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تىنچ ئۆتۈش، تەرەققىي قىلىش، ئالاقە قىلىش، ھەمكارلىشىشتەك ئورتاق ساداسىغا پائال ماسلىشىپ، «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى باشتىن-ئاخىر ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا بەخت يارىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىنى زورايتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىغا، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مىللىي ھەققانىيەت ۋە دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  باشلىقلار يىغىنى تەيۋەن تەرەپنىڭ كېڭەش باشلىقى ليۇ جاۋشۈەن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، 10 يىلدىن بۇيان، باشلىقلار يىغىنى «92-يىل ئورتاق قارىشى» ئاساسىدا، ئىككى قىرغاقنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. چوڭ قۇرۇقلۇق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى قىرغاق كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قول تۇتۇشۇپ قاتنىشىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، ۋاڭ خۇنىڭ ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ دۇڭفېڭ، گو جىنلۇڭ، جاڭ پىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  جياڭسۇدىكى مەزگىلدە، ۋاڭ خۇنىڭ نەنجىڭ داشۆسى، چوڭقۇر دېڭىز تېخنىكىسى تەيخۇ كۆلى تەجرىبىخانىسى، ۋۇشى شەھەرلىك چىڭشەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، نەنجىڭ تەيۋەن ياشلار ئىگىلىك تىكلەش شۆيۈەنى، نەنجىڭ يۈنجىن مۇزېيى، نيۇۋشوۋشەن مەدەنىيەت باغچىسى، جيۇۋلۇڭخۇ كۇتۇپخانىسى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنى كۆزدىن كەچۈردى. نەنجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە جياڭسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلارنى يوقلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ