شى جىنپىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2023.11.20 09:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكودىكى موسكونى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۈكسىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  ■ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر قەرەللىك يىغىنى مېخانىزمىنى ئورناتقاندىن بۇيان، باشتىن ـ ئاخىر يەرشارىۋى ئوچۇق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىپ، رايون سودىسى ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش، ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىياتى، ماددىي ـ ئەشيا ۋە خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان مۆجىزىسى»نى ياراتتى. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى كۆپ خىل خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، يەرشارىۋى ئېشىشنىڭ موتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تېخىمۇ زور دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالدى. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رەھبەرلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز قانداق بىر ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىلى»نى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ مۇساپىدە قانداق قىلغاندا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك

  ■ بىز ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پۇتراجايا ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە، تىنچ بولغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەر ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك

  ■ جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىل»ىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ

  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 30 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكودىكى موسكونى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۈكسىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر قەرەللىك يىغىنى مېخانىزمىنى ئورناتقاندىن بۇيان، باشتىن ـ ئاخىر يەرشارىۋى ئوچۇق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىپ، رايون سودىسى ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش، ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىياتى، ماددىي ـ ئەشيا ۋە خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان مۆجىزىسى»نى ياراتتى. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى كۆپ خىل خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، يەرشارىۋى ئېشىشنىڭ موتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تېخىمۇ زور دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالدى. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى رەھبەرلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز قانداق بىر ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىلى»نى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ مۇساپىدە قانداق قىلغاندا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پۇتراجايا ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە، تىنچ بولغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەر ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. پەن ـ تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ـ ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ پائال تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، رەقەم ھاڭىنى كىچىكلىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت ھېسابلاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىشقا مەدەت بېرىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. جۇڭگو ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى، كارخانىلارنىڭ رەقەملىك سالاھىيىتى، رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشتى.

  ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش. ئەركىن، ئوچۇق سودا سېلىنمىسىنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ ھەم كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، ئىقتىساد ـ سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇش، پان خەۋپسىزلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگو 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، يەرشارىۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  ئۈچىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش. ئادەم تەبىئەت بىلەن ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۈكسىلىشىدىكى يېشىل ئاساسىي رەڭنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتتى. بىز ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېشىل يېزا ئىگىلىكى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل شەھەر، ئېنېرگىيەدە تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، دېڭىز ـ ئوكيان بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پاكىز، گۈزەل ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق.

  تۆتىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات مەسىلىسىنى خەلقئارا قارالمىدا مەركىزىي ئورۇنغا قايتۇرۇپ كېلىشكە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات قىزىل رەقىمىنى ئورتاق ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىپ، نامراتلارنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، سانائەتلەشتۈرۈش، تەرەققىيات مەبلىغى توپلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات تورتىنى ئورتاق زورايتىشنى داۋاملىق قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىل»ىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ!

  يىغىنغا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن رىياسەتچىلىك قىلدى، باش تېمىسى «بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كەلگۈسى يارىتىش»تىن ئىبارەت.

  يىغىندا «2023 ـ يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر سان فىرانسىسكو خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.

  ۋاڭ يى يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ